باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغان مەزگىلىدە مەنزىرە ساياھەت رايونلىرىنىڭ بېلەت باھاسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆستۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ

2015.01.22 12:54         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 19-يانۋار ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، چاغان مەزگىلىدە بازار باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، چاغان مەزگىلىدە ئابتوبۇسلارنىڭ بېلەت باھاسى ۋە ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت باھاسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خالىغانچە ئۆستۈرۈش قىلمىشلىرى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىكەن.ھەر قايسى جايلاردىكى شەھەر ئاھالىلىرى باھا ئۆستۈرۈۋېلىشتەك ئەھۋاللارغا يولۇقسا 12358 غا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال مەلۇم قىلسا بولىدىكەن.

  دۆلەتلىك ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى ھەر دەرىجىلىك باھا باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ باھاسىنى كونترول قىلىپ، ئاشلىق-ماي، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز، تەييار ماي، گۆش، تۇخۇم، كۆكتات، سۈت قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىستېمالىدىكى يېمەكلىك باھاسىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر ۋاقىت ھوشىيار تۇرۇپ، مەسىلىنى دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى ئىشقا سېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر