- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 97 دېلو ئېلان قىلىندى
2015.01.21 10:13
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى تۈنۈگۈن 12-يانۋاردىن 18-يانۋارغىچە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاب 97 دېلونى ئېلان قىلدى. بۇ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە «تۆت ناتوغرا ئىستىل» مەسىلىسى بويىچە نازارەت قىلىش، پاش قىلىش مەخسۇس سەھىپىسى تەسىس قىلغاندىن كېيىن ئۇدا تۆتىنچى ھەپتە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىشى.
ئېلان قىلىنغان 26 جاي ۋە ئورۇنغا چېتىشلىق بۇ دېلولار ئاساسلىقى بەلگىلىمىگە خىلاب ھالدا سوۋغا ئېلىش، مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ مېھماندارچىلىقىنى بەلگىلىمىگە خىلاب قوبۇل قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا مال سېتىۋېلىش كارتىسى سېتىۋېلىش، توي-تۆكۈن ۋە ئۆلۈم يېتىمنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈش، ھۆكۈمەت پۇلىغا چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاب تەمىنات تارقىتىش، «كىچىك غەزىنە» قۇرۇش، خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلابلىق قىلىش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاب ھالدا يېڭىدىن ئىمارەت سېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈ شەھەرلىك جۇڭگوچە تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى تيەن جيەنجۈن بەلگىلىمىگە خىلاب ھالدا بايراملىق سوۋغا بەرگەن ۋە ئالغانلىقتىن، مەمۇرىي چوڭ گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلدى؛ جياڭسۇ ئۆلكىسى جېنجياڭ شەھىرى دەنتۇ رايونى شاڭداڭ بازارلىق بازار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لىڭ ليۇرۇڭ بەلگىلىمىگە خىلاب ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا تاماكا سېتىۋېلىپ، يىل ئاخىرىدىكى پاراۋانلىق سۈپىتىدە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە تارقىتىپ بەرگەنلىكتىن، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى؛ خېنەن ئۆلكىسى لوخې شەھىرى جاۋلىڭ رايونلۇق قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ ئېرخې رەھبەرلىك كوللىكتىپى ئەزالىرى ۋە بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرلارغا بەلگىلىمىگە خىلاب ھالدا پاراۋانلىق تارقىتىپ بەرگەنلىكتىن پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر