باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى ئىشخانا پىكىر چىقىرىپ، ئالىي مەكتەپ تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى

2015.01.21 10:13        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئالىي مەكتەپ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ھەققىدىكى پىكىر»نى چىقاردى. پىكىردە تەكىتلەپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىدىئولوگىيە خىزمىتى-پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر ئەڭ مۇھىم خىزمىتى، ئالىي مەكتەپلەر ئىدىئولوگىيە خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى بازىسى بولۇپ، ماركىسزمنى ئۆگىنىپ ۋە تەتقىق ھەم تەشۋىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە نۇرلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىختىساسلىقلار كاپالىتى ھازىرلاش ھەم ئەقلىي كۈچ مەدىتى بېرىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. ئالىي مەكتەپ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئالىي مەكتەپ ئىدىئولوگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش-بىر ئىستراتېگىيە، ئاساس، تاۋلاش قۇرۇلۇشى، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بولغان رەھبەرلىكى، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ۋارىسلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ماركىسزمنىڭ ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچى ئورنىنى پۇختىلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پىكىر مۇنداق يەتتە قىسىمغا بۆلۈنگەن: 1-ئالىي مەكتەپ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش-بىر مۇھىم ھەم تەخىرسىز ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە؛ 2-يېتەكچى ئىدىيەسى، تۈپ پىرىنسىپى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى؛ 3-جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى دەرسلىك، سىنىپ، مېڭىگە ئېلىپ كىرىشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش؛ 4-ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئىدىيە، سىياسىي ساپاسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش؛ 5-ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەسى، جامائەت پىكرىنى ئۆزلۈكسىز زورايتىش؛ 6-ئالىي مەكتەپ تەشۋىقات-ئىدىيە بازىسىنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ چىڭىتىش؛ 7-پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش.

  پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرى بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى بىرلىكتە باشقۇرىدىغان، پارتكوم تەشۋىقات تارماقلىرى باش بولۇپ ماسلاشتۇرىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئىنىستىتۇت، فاكولتىتلار تەڭ قاتناشقان خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنىستىتۇت، فاكولتىت پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ كاپالەت، نازارەت رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپ نىزامى تۈزۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئالىي مەكتەپ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى زور ئەندىزىسىنى ئورنىتىش؛ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىستراتېگىيە ھەم ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، ئالىي مەكتەپ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، بۇ خىزمەتنى باشتىن-ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر