- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ج خ مىنىستىرلىقى غەربىي جەنۇب چېگرا رايوندىكى چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش ھەرىكىتىگە زەربە بەردى، 262 دېلونى پاش قىلدى
2015.01.21 08:27 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 18-يانۋار تېلېگراممىسى. ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب چېگرا رايوندىكى چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش ھەرىكىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپەيدى، بولۇپمۇ چېگرا ئىچى-سىرتىدىكىلەر ئۆز-ئارا تىل بىرىكتۈرۈپ كىشىلەرنى چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە تەشكىللەش ھەرىكىتى داۋاملىق يۈز بېرىپ، كۆپ قېتىم زەربە بەرسىمۇ ئۈنۈمى بولماي، ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى. ج خ مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قارىتا مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن «29-ئاپرېل» مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، 2014-يىلى 5-ئاينىڭ بېشىدا خېنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، يۈننەن، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە غەربىي جەنۇب چېگرا رايوندىكى چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى ۋە نۇرغۇن خىزمەت گۇرۇپپىسىنى نۇقتىلىق جايلارنىڭ 1-سېپىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى. ھازىرغىچە، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ج خ ئورگانلىرى چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە تەشكىللەش، توشۇش، ئۆتۈش دېلوسىدىن 262نى پاش قىلدى ۋە چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشنى تەشكىللەش، پىلانلاش، يەتكۈزۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق 352 كىشىنى قولغا ئالدى، چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن 852 كىشىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر