باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاشىنى تەڭشەش ھۆججىتى تارقىتىلدى توردا تارقىلىپ يۈرگەن ‎‎ھۆججەتلەرنى ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ

2015.01.21 08:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 19-يانۋار تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئىسلاھ قىلىش قارارى»نى ئېلان قىلدى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 19-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ شاۋيى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ۋە سوئاللارغا جاۋاب بەردى. خۇ شاۋيى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشقا ماسلاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يەنە يولغا قويۇش لايىھەسىدىن ئۈچنى تارقاتتى. بىرىنچىسى، مەمۇرلارنىڭ ئاساسىي مائاشىنى تەڭشەش، ئىككىنچىسى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي مائاشىنى تەڭشەش، ئۈچىنچىسى، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ تەمىناتىنى تەڭشەش. ھەر قايسى ئورۇنلار گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان ھۆججەتكە ئاساسەن ئىجرا قىلىشى كېرەك، توردا تارقىلىپ يۈرگەن ھۆججەتلەرنى ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر