- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى 161 تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى پۈتۈنلەي تاماملىدى
2015.01.14 20:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تەلەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى 2014-يىلى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ چوڭقۇرلاشتۇرغان. ھازىرغىچە، كومىتېت، مىنىستىرلىقتىكى رەھبىرىي يولداشلار ئۆزىنى تۈزىتىشنى تاماملىغان؛ كومىتېت، مىنىستىرلىق ئورگانلىرى 161 تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى پۈتۈنلەي تاماملىغان؛ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى تولۇق تاماملانغان؛ تۈزۈم قۇرۇلۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن 32 تۈرلۈك پىلاننىڭ 28ى تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنىپ، تاماملاش نىسبىتى ٪87.5گە يەتكەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر