باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

‹‹ئارمىيەنىڭ 2015–يىللىق باش تېما تەربىيە پائالىيىتى ۋە مەخسۇس تېمىدىكى تەربىيەلەش ۋە تۈزەش پىكرى›› تارقىتىلدى

2015.01.14 12:16         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقى بىلەن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش سىياسىي بۆلۈمى يېقىندا ‹‹ئارمىيەنىڭ 2015 – يىللىق باش تېما تەربىيە پائالىيىتى ۋە مەخسۇس تېمىدىكى تەربىيەلەش ۋە تۈزەش پىكرى››نى تارقىتىپ، ‹‹ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنقىلابىي ھەربىيلەردىن بولايلى›› باش تېما تەربىيە پائالىيىتى ۋە تۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردا ‹‹ئۈچتە قاتتىق، ئۈچتە ئەمەلىي›› بولۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى تەربىيەلەش ۋە تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2015 – يىلى ئارمىيەدە ‹‹ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنقىلابىي ھەربىيلەردىن بولايلى›› باش تېما تەربىيە پائالىيىتى، تۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردا ‹‹ئۈچتە قاتتىق، ئۈچتە ئەمەلىي›› بولۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى تەربىيەلەش ۋە تۈزەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قارار، كۆرسەتمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي خىزمەتنىڭ دەۋر تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئىستىلنى ياخشىلاشنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، توغرا تەربىيە بىلەن مەسىلىنى تۈزىتىشنى، ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن ئۆزگەرتىش، يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تۈپتىن ياخشىلاپ، كونا ئىللەتلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتى ۋە جەڭ تەييارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ئىدىيە ۋە سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر