- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو ھۆكۈمىتى مالايسىيا، سېرىلانكىغا 20 مىليون يۈەن قىممىتىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىدۇ
2015.01.12 10:14 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سۈن جىۋېن تۆنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى مالايسىيا، سېرىلانكا ھۆكۈمىتىگە 20 مىليون يۈەن جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنى قارار قىلدى. يېقىندا، مالايسىيا، سېرىلانكا ئالاھىدە زور كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ، ئېغىر ئۆلۈم يېتىم ۋە مال مۈلۈك زېيىنى بولدى. سۈن جىۋېن يەنە مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تۇنجى تۈركۈمدىكى ياردەم بېرىش ماددىي ئەشياسىدىن 2500 چېدىر يېقىندا ئىككى ھۆددە ئايروپىلانى بىلەن ھاۋادىن كۇئالالۇمپۇرغا يەتكۈزىلىدۇ. باشقا ماددىي ئەشيالارمۇ مالايسىيا بىلەن سېرىلانكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىھتىياجى بويىچە چىڭ تۇتۇپ تەييارلىنىپ، يېقىندا كەينى كەينىدىن يەتكۈزىلىدۇ، دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر