- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2014-يىلى ئاشلىق كارخانىلىرى سېتىۋالغان ئاشلىق 700مىليارد جىڭدىن ئاشتى
2015.01.09 09:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رىن جىڭشىياۋ 8-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئاشلىق ئوبوروت خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى ئاشكارلىدى: 2014-يىلى تۈرلۈك ئاشلىق كارخانىلىرىنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 700مىليارد جىڭدىن ئاشتى، ئومۇمىي مىقدارى 729مىليارد 800مىليون جىڭغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا 40مىليارد 900مىليون جىڭ ئاشتى.
مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىلى دېھقانلارنىڭ مەھەللە ئاشلىق دۇكىنى، ئاممىۋى ئاساسلىق ئاشلىق ئاشخانىسى، ئىشەنچىلىك ئاشلىق ماي تاللا بازىرى، ئاشلىق، ماينى ئىلىكتىرۇنلۇق سودا تورىدا سېتىۋېلىش قاتارلىق يېڭىچە كەسپ ئەندىزىسى ۋە تېجارەت ھالىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جىلىن، خېبىي، جياڭسۇ، جېجياڭ، خېنەن قاتارلىق 17ئۆلكە «ئاشلىق بانكىسى»دىن 350نى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاشلىق ساقلاش يېڭى تېخنىكىسى، تارقاق ئاشلىق تىرانسىپورتى، مۇۋاپىق پىشىشقلاپ ئىشلەش يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، ئاشلىق تېجەپ، زىياننى ئازايتىشتا يېڭى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر