- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىمىز تور ئەدەبىياتى نەشىرىياتى ۋە توپ يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ
2015.01.09 09:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك ئاخبارات نەشىرىيات رادىيو كىنۇ تېلېۋېزىيە باش ئىدارىسى يېقىندا بېسىپ تارقاتقان « تور ئەدەبىياتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېلىمىزنىڭ تور ئەدەبىياتى تەرەققىياتىنىڭ نىشانى- ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، ئىجادىيەت يۆنىلىشى تېخىمۇ ساغلام، ئىجادىيەت سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن، تېجارەت ۋە مۇلازىمەت ئەندىزىسى تېخىمۇ پىشقان، بىر تۈركۈم تور ئەدەبىياتى نەشىرىياتى ۋە توپ يەتكۈزۈش غوللىق كارخانىسىنى يېتىشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم بازار رىقابەت كۈچىگە ئىگە ماركىنى يارىتىشتىن ئىبارەت.
«پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تور ئەدەبىياتى تېز تەرەققىي قىلىپ، نۇرغۇن ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولدى. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سانى كۆپ، سۈپىتى تۆۋەن بولۇش، دوراش، كۆچۈرۈش، مەزمۇنى ئوخشاپ قىلىش، ئۆلۈك ئىجاد قىلىش، تېز ئىستىمال شۇنداقلا بازار ئۈنۈمىنى يۈزەكى قوغلىشىش، نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى-تەزۈر يەتكۈزۈش، بازار ئاساسى گەۋدىسى ھەر خىل بولۇش، باشقۇرۇش قائىدىسى مۇكەممەل بولماسلىق، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر مەۋجۈت. «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تور ئەدەبىياتىدا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزىمغا مۇلازىمەت قىلىش تۈپ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دەۋىر تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، خەلق ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، باشتىن ئاخىر ئىجادىيەتتە مۇنەۋەر ئەسەرلەرنى يېزىشنى مەركىزى ھالقا قىلىپ، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىم بەس-بەستە سايراش فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي قىممەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىسل ئەسەرلەرنى، مۇنەۋەر ئىقتىساسلىقلارنى گەۋدىلەندۈرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى داۋاملىق بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەۋزەللىكى ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاش، ياخشى رىقابەتلىشىش، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىش كەسىپ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر