باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2015.01.08 16:15         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – يانۋار تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى 5 – يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك چىڭ باشقۇرۇشنى كۈچلۈك ئىدىيە ۋە جامائەت پىكرى مەدىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، توغرا جامائەت پىكرىنى يېتەكچى قىلىپ، تەشۋىقات ۋە شەرھلەشنى كۈچەيتىپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، مەركەزنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تىپ ئارقىلىق يېتەكلەشكە، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەمنى ئۆزگەرتىشكە، تۈزۈمنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئىدىيە – ئەخلاق ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يازغۇچىلار، سەنئەتكارلارنىڭ خەلق ئارىسىغا، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، چىن ھېسسىياتقا باي، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىمى، ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى سۆزلەش، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت تارقىتىش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى خەلقئارا جامائەت پىكرى مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر