باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئورمان زاپاس مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 – ئورۇندا تۇردى

2015.01.07 14:55         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمان تەكشۈرۈش پىلانلاش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، شىزاڭنىڭ ئورمان زاپىسى ئومۇمىي مىقدارى 2 مىليارد 86 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، 2002 – يىلىدىكىدىن 193 مىليون كۇب مېتىر كۆپىيىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئورمان زاپىسى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %13.78 ىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرغان. شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمان تەكشۈرۈش پىلانلاش ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى جۇ شۆلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىزاڭنىڭ ئورمانلىرى – يەر شارىدىكى ئىپتىدائىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئاز ساندىكى تەبىئىي ئورمان بايلىقلىرىنىڭ بىرى، شىزاڭدىكى ئورمانلار داۋاملىق كېڭەيمەكتە. شىزاڭنىڭ ئورمان بايلىقى ئاساسلىقى غوللۇق دەرەخ ۋە چاتقال، نۇرغۇنى تەبىئىي ئورمانلىق بولۇپ، كۆلىمى %99.23 كە يېتىدۇ، بۇ خىل نىسبەت قۇرۇلمىسى ئېلىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قارلىق ئېگىزلىكنىڭ ئورمان قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى تولۇقلىما فوندى سىياسىتى، تەبىئىي ئورمان بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشى، ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ۋە تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش قۇرۇلۇشى قاتارلىق كۆپ خىل ئورمانچىلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئورمان ئەھيا قىلىپ كۆكەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئورمان بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر