- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ ئورۇن مەملىكەت بويىچە تېلېفون «قارا كارتىسى» قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ ۋە جازالايدۇ
2015.01.06 18:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا بىرلىشىپ «تېلېفون <قارا كارتىسى>نى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى خىزمەت لايىھەسى» نى تارقاتتى. بۇ يىلدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە بىر يىل داۋاملىشىدىغان تېلېفون «قارا كارتىسى» نى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ تېلېفون «قارا كارتىسى» قىلمىشلىرى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىپ، تېلېفون «قارا كارتىسى» دىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ ھەم تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ بۇ يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن بارلىق تېلېفون ئابۇنىچىلىرىنى راست ئىسمى بىلەن تىزىملاش نىسبىتىنى %90 تىن ئاشۇرۇشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر