باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش يىلدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى ئىناۋەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ بولىدۇ

2015.01.05 17:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىك مىنستىرلىقى يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك مىنستىرلىقى «يېزا ئىگىلىك مىنستىرلىقىنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىك ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى، ئۇرۇق، دېھقانچىلىق دورىلىرى، ئوغوت، مال دورىلىرى، يەم-خەشەك قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش كارخانىلىرى ۋە دىھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سېتىش كارخانىلىرى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپراتىپى، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، لەۋزىدە تۇرغانلارغا ئىلھام بېرىش ۋە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاش مېخانىزمى تۇرغۇزۇپ، بەش يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى ئىناۋەت سىستېمىسىنى ئاساسى جەھەتتىن قۇرۇپ بولۇش كېرەك.

  يېزا ئىگىلىك مىنستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پىكىر» دە ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن دىھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى ئىناۋەت ئۇچۇرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەرتىپكە سېلىپ، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمان بولۇش، ئىناۋەتنى بىرلىشىپ باھالاش، بىرلىشىپ مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش تەلەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئاساسى گەۋدىسىدە سەمىمىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەلەپچانلىق ئېڭىنى كۈچەيتىشكە دەۋەت قىلىش، مۇكاپاتلاش، پاش قىلىش، ئۇچۇرنى ئاشكارلاش، لەۋزىدە تۇرغانلارغا مەدەت بېرىش، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاش قاتارلىق مېخانىزمنى تەدىرىجىي ئورنۇتۇش، سەمىمىي، تەلەپچان، لەۋزىدە تۇرىدىغان، ئۆز-ئارا ئىشنىدىغان ئىجتىمائىي ئىناۋەت مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى ۋە ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر