- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يۈ جېڭشېڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن دۆلەت مىللەت ئىشلىرى كومىتېتى بېيجىڭدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلارنى «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» ناملىق ئوپېرانى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى
2014.12.31 14:27 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30- دېكابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن دۆلەت مىللەت ئىشلىرى كومىتېتى يېقىندا بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان 1300 دىن ئارتۇق شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن 500 گە يېقىن كادىرنى بېيجىڭدىكى دۆلەت تىياتىرخانىسىدا كىلاسسىك فىلىمدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» ناملىق ئوپېرانى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى.
ئوپېرادا «مۇز تاغ مۇقەددىمىسى» ناملىق خور بىلەن تەڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جاي ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، پامىر ئېگىزلىكى، ئەمگەكچان، ئاقكۆڭۈل تاجىكلارنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلىنىدۇ. ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئوپېرادا زىددىيەتلەرنىڭ يىپ ئۇچى ئاستا-ئاستا ئاشكارىلىنىدۇ. رازۋېدچىك قارا باتۇرلارچە قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئېيتىلغان خور «تاجىك بۈركۈتى» تېنچلىق ئۇرۇشى جەڭچىلىرىگە ئوقۇلغان تەنتەنىلىك مەدھىيە بولۇپلا قالماي، پۈتۈن ئوپېرانى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ. ئوپىرانىڭ ئاخىرىدىكى دۈشمەن بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئالدىدا ئېيتىلغان خور «ئەزىمەتلەر ناخشىسى» دا غەلىبە قىلىشقا بولغان ئىشەنچ ئىپادىلىنىدۇ. «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل»، «سەپدىشىمنى ئەسلەيمەن» قاتارلىق كىلاسسىك ناخشىلار ئارىسىغا خورغا ئوخشاش تېخىمۇ جانلىق ئىپادىلەيدىغان كەيپىيات ئامىللىرى سىڭدۈرۈلۈپ، كۈچلۈك يۈكسەلدۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتكەن. نۇرغۇن ئۇيغۇر، خەنزۇ ناخشىچىلار پۈتۈن ئوپىرانى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئورۇنلىدى. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقماي كېلىۋاتقان بۇنداق ئېكران كۆرۈنۈشلىرى ئوپىرا سەھنىسىدە تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇلۇپ، ئاممىغا مۇز تاغدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى تېخىمۇ دەبدەبىلىك شەكىلدە نامايەن قىلىندى، تاماشىبىنلار گۈلدىراس ئالقىش سادالىرىنى توختاتماي ياڭرىتىپ تۇردى.
تاماشىبىنلار ئوپىرانى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن: بۇ قېتىم دۆلەت تىياتىرخانىسىغا ئويۇن كۆرگىلى تەكلىپ قىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى كىلاسسىك ھېكايىلەردىن قايتا بەھر ئېلىپ، مىللىي سەنئەتنىڭ سېھرى كۈچىنى ھېس قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىدىغانلىقى ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا سەمىمىي غەمخۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى يېڭىباشتىن ھېس قىلدۇق. ئوپىرا قەلبىمىزنى لەرزىگە سېلىپ، نۇرغۇن تەربىيەگە ئىگە بولدۇق. ھەممىمىز ھەممە مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرى دەيدىغان ئەقىدىنى قەلبىمىزگە ئورنىتىپ ۋە ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئۆز ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز كېرەك، دېيىشتى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر