باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىللىق جۇڭگو ئالى مەكتەپلىرىنىڭ رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىنچى ئورۇندا تۇردى

2014.12.30 18:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-دېكابىر ئەيرۇيشىن جۇڭگو مەكتەپداشلار تورى«2015يىلىدىكى جۇڭگو ئالى مەكتەپلىرى باھالاش تەتقىقات دوكلاتى»نى رەسمىي ئېلان قىلدى. دوكلاتتا 2015-يىللىق جۇڭگودىكى 100كۈچلۈك ئالى مەكتەپنىڭ رەت تەرىپى، جۇڭگو بىرىنچى تۈركۈم ئالى مەكتەپلىرىنىڭ رەت تەرتىپى، جۇڭگو ئالى مەكتەپ مەكتەپداشلار ئىئانە رەت تەرتىپى ۋە ئەڭ مەرد مەكتەپداشلار رەت تەرتىپى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلدى. بۇلار بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇدا 13 يىل ئالى مەكتەپلەر رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلىشى.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 2015-يىللىق ئالى مەكتەپ رەت تەرتىپىدە100كۈچلۈكنىڭ بىرىنچى ئورنىدا تۇرۇپ، ئۇدا سەككىز يىل بىرىنچىلىكنى ئىگەللىگەن.چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىككىنچى ئورۇندا ، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچىنچى ئورۇندا، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى تۆتىنچى ئورۇندا،جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى بەشىنچى ئورۇندا تۇرغان.جۇڭگو پەن- تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى باتۇرلارچە ئون كۈچلۈككە كىرگەن بولۇپ، توققۇزىنچى ئورۇندا تۇرغان. دۆلەت مۇداپىئە پەن- تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تۇنجى قېتىم جۇڭگو ئالى مەكتەپلىرىنى ئۇنىۋېرسال باھالاشقا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئونىنچى ئورۇندا تۇرغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر