باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سەييارە سوت كولىگىيىسى شېنجىن، شېنياڭدا ئايرىم ئايرىم تەسىس قىلىندى

2014.12.30 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سۈن جۈنخۇڭ 29-دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەز تەستىقلىغان سىناق نۇقتىسى لايىھىسىگە ئاساسەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ 1- سەييارە سوتكولوگىيىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدە تەسىس قىلىندى، 2-سەييارە سوتكولوگىيىسى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھىرىدە تەسىس قىلىندى، ئىككى سەييارە سوتكولوگىيىسى 2015-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ دېلولالارنى قۇبۇل قىلىپ قاراپ چىقىدۇ.

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سەييارە سوتكولوگىيە تەسىس قىلىپ، مەمۇرىي رايون ھالقىغان زور مەمۇرىي ۋە ھەق تەلەپ، سودا دېلولىرىنى قاراپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  سۈن جۈنخۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سەييارە سوتكولوگىيە تەسىس قىلىشىدىكى سەۋەپ سوتلاش ئورگىنىنىڭ مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ماجىرالارنى ئۆز جايىدا ھەل قىلىش، جاۋاپكارنىڭ شىكايەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش بولۇپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەدلىيە سىياسىتى ۋە ئەدىلىيە ئىزاھاتى تۈزۈپ چىقىشىغا، بىرلىككە كەلگەن قانۇن قوللىنىشتا يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە دېلولارنى قاراپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا پايدىلىق.

  28-دېكابىر، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان ۋەزىپىگە قويۇش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش تىزىملىكىدە ليۇ گۈيياڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ 1- سەييارە سوتكولوگىيىسىنىڭ باشلىقلىقىغا، خۇيۈنتېڭ ئالىيى خەلق سوت مەھكىمىسى 2-سوتكولوگىيىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە تۆت سوتكولوگىيەنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلغان سەييارە سوتكولوگىيەسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئەۋەتكەن ئاپپاراتقا باراۋەر بولۇپ، قاراپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىش دەرىجىسى جەھەتتە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە. سەييارە سوتكولوگىيىسىنىڭ ھۆكۈم ئۈنۈمى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە باراۋەر بولۇپ، ئاخىرقى ھۆكۈم بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر