باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ماكەي: ياشانغاندا كۈتىنىش پۇلىنى تۆلەشتە نۆۋەتتە مەسىلە يوق، ئەمما جايلاردا تەڭپۇڭسىزلىق ئەھۋالى گەۋدىلىك بولماقتا

2014.12.30 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  28-دېكابىر كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ رىياسەتچىلىكىدىكى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-سانلىق يىغىنىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ماكەي سورالغان سوئالغا جاۋاپ بەرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىزدە نۆۋەتتە ياشانغاندا كۈتىنىش پۇلىنى تۆلەشتە مەسىلە يوق، ئەمما جايلاردا تەڭپۇڭسىزلىق ئەھۋالى گەۋدىلىك بولماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان فوند كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈئىتى چىقىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئاستا بولماقتا. شۇڭا كېيىنكى قەدەمدە ياشانغاندا كۈتىنىش پۇلىنى يىغىش دائىرىسىنى يەنە داۋاملىق كېڭەيتىش ھەمدە ھەق تاپشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزىمىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ماكەي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پېنسىيەگە چىقىش ياش چەكلىمىسىنى كېچىكتۈرۈش سىياسىتى تەدرىجى يولغا قويىلىدۇ، ئەمما نۆۋەتتە سىياسەت يەنىلا تەتقىق قىلىپ تۈزۈلمەكتە. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى يېن ۋېيمىن ياشانغاندا كۈتىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش توغرىسىدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ قېيىن مەسىلە مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ھوقۇق مەسئۇلىيىتى ھەمدە يەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسى. كونكىرت لايىھە كېلەر يىلى چىقىرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر