باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش داۋامىدا قانداق سىياسىي ئىستىل بارلىققا كەلدى؟

2014.12.30 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەر، يېڭى تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ يېڭى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش داۋامىدا قانداق سىياسىي ئىستىل بارلىققا كەلدى؟

  شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرى چاڭچىڭ رايونى ۋەندې بازىرى داليۇجۇاڭ كەنتى ئاھالىسى لى چېڭيەننىڭ ئائىلىسىدە چوڭ ئوغلى تۇغۇلۇپلا پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولدى، 2011-يىلى لى چېڭيەن ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولدى، بۇ يىل 7-ئايدا، لى چېڭيەننىڭ يولدىشى ئۇشتۇمتۇت قازا قىلدى، شۇ جايدىكى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى بۇ ئەھۋاللارنى ئۇققاندىن كېيىن دەرھال ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىپ، شۇ كۈنى 5 مىڭ يۈەن ۋاقتىلىق قۇتقۇزۇش فوندىنى لى چېڭيەننىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى.

  شەھەر يېزا ئاممىسىنىڭ ئۇشتۇمتۇت، جىددىي، ۋاقىتلىق ئاساسىي تۇرمۇش قىيىنچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلغان تۈزۈم بولغان ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش تۈزۈمى ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىدا ساقلانغان بوشلۇقنى تولۇقلىدى.

  نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ بالىلار پاراۋانلىق فوندى كەملىكنى تولۇقلاشتىن ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىشكە قاراپ بۇرۇلۇش ياسىدى، چوڭقۇر قاتلاملىق تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىردى. ھۆكۈمەت خىزمەت تۈزۈمى ۋە مالىيە كۈچىدىن پايدىلىنىپ كاپالەتلىك قىلىدىغان بالىلار يىتىم بالىلاردىن تۈرلۈك قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا قاراپ كېڭىيىشكە باشلىدى.

  «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئائىت بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»دا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئوتتۇرغا قويۇلدى.

  گۇاڭدۇڭدا گۇاڭجۇ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە كەسپى ئىتتىپاقى- 2014-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان ئىجتىمائىي تەشكىلات. مۇئاۋىن باش كاتىپ شۈ چيۇشياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەييارلىق ۋە تىزىملاشقا تەشكىللەش جەريانىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار كۆرۈلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئەسلىدە 3 ئاي ھەتتا يېرىم يىل ۋاقىت كېتىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم، كۈتۈلمىگەندە نەچچە كۈندىلا بېجىرىپ بولدۇق.

  مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، « گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش چارىسى» رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇش ئۆلچىمى يەنىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن. بۇ مەۋقە مەھەللىلەرگە قارىتىلغان، يەنىلا بىر قەدەر ئاجىز، كىچىك بولغان دەسلەپكى تەشكىلاتلارغا راۋان تىزىملاش، قۇرۇش يولىنىڭ بار بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر