باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ چىقتى

2014.12.30 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلار خىزمىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ چىقتى. 1-، يېڭىچە يېزا قۇرۇلۇشىدا 7 ئىلغار كەنتنى يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى قىلىپ يېڭىدىن كۆپەيتتى. 2-، تەربىيەلەش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تەربىيەلەش مەزمۇنىنى بېيىتتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بىلەن بىرگە، پۈتۈن يىلدا يېزىلاردىكى 10 مىڭدىن ئاتۇق ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىختىساسلىق باشلامچى ۋە ئالىي مەكتەپ كەنت ئەمەلدارىنى تەربىيەلەش بازىسىغا بېرىپ، ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىدى، تەربىيەلەش كۆلىمى ئۆتكەن يىلىدىكىدىن %33 ئاشتى؛ ئاشلىق تېرىيدىغان چوڭ ئائىلىلەر، كوپىراتىپلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كەنت ئەمەلدارلىرى ھەمدە گۈزەل يېزا كەنت، ئۇچۇرلاشقان قۇرۇلۇش باشلامچىلىرىنى مەخسۇس تەربىيەلىدى. 3-، يېزا ئىگىلىكى، پەن مائارىپقا تايىنىپ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش باشلامچىلىرى ۋە شيەن جېڭدا داڭلىق يېزا ئىگىلىكى ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلار ياردەم تۈرىنى داۋاملىق يولغا قويدى. مەملىكەت بويىچە ئون ياخشى دېھقان ياردەم تۈرىنى تاللاشنى تۇنجى قېتىم قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە دېھقانلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، دېھقانلارنى سۆيىدىغان ياخشى كەيپىيات ياراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر