باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

23-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

2014.12.30 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  23-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئالى مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى 28-،29-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يۇليۇرۇق بېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالى مەكتەپلەر ماركىسىزمنى ئۈگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. پارتىيەنىڭ ئالى مەكتەپلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، ئالى مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش- جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالى مەكتەپنى تەسسس قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالستىك ئۇنىۋېرستىتنى تەسس قىلىشتا- ئەخلاقلىق تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يىتىشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش، ئادەملەرنى تەربىيلەش جەريانىغا سېڭدۇرۇش، ئىدىيە يىتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرلىرى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالى مەكتەپلەرنىڭ تۈزۈم مېخانىزمىنى داۋاملىق ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىچىلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ئىدىيە تەشۋىقات تارماقلىرى، تەشكىلى تارماقلار، مائارىپ تارماقلىرى ئالى مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ۋە يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجىنىدا، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە پارتىيەنى ھەقىقىي ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر