- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىمىز يۇقاپ كەتكەن ئايروپىلاننى ئىزدەش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشنى قارار قىلدى
2014.12.30 16:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى ئاخبارات ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھىندونوزىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، ئايروپىلان ۋە پاراخوت ئەۋەتىپ، ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئاختۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشنى قارار قىلغان. ھازىر دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا قەرەللىك چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان بىر مۇھاپىزەتچى پاراخوتى يۇلۇچىلار ئايروپىلانى ئالاقىنى يۇقاتقان دېڭىز ساھىلىغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە. ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانىمۇ مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنى ماسلاشتۇرماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر