باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىلى ئېلىمىز قوبۇل قىلغان تاشقى مەبلەغ ئومۇمىي كۆلىمى مۇقىملىقنى ساقلىدى

2014.12.30 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا مىنستىرلىقى تاشقى مەبلەغ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى تاڭ ۋىنخۇڭ تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: 2014-يىلى ئېلىمىز قوبۇل قىلغان تاشقى مەبلەغ ئومۇمىي كۆلىمى مۇقىملىقنى ساقلىدى، تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستى. مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن يىلدا ئېلىمىز قوبۇل قىلغان تاشقى مەبلەغ 120مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. يەر شارى مىقياسىدىن قارىغاندا، مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ۋە مەبلەغ جەلىپ قىلىش رىقاب كۈچىدە ئاساسى جەھەتتىن زور ئۆزگىرىش بولمىغان. ئېلىمىز- قانۇن سىستېمىسى، تىجارەت سودا مۇھىتى، كەسىپنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئەمگەك كۈچى ساپاسى قاتارلىقلار جەھەتتە ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىككە ئىگە. تاڭ ۋىنخۇڭ مۇنداق دېدى: تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە تاشقى مەبلەغنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، ئېلىمىز مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، ئادىل، ئاشكارا، كۆڭۈلدىكىدەك تىجارەت سودا مۇھىتى يارىتىدۇ. ئۇ 2015-يىلى ئېلىمىزنىڭ تاشقى مەبلەغنى قوبۇل قىلىشىتا مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلايدىغانلىقى، مەبلەغ جەلىپ قىلىش كۆلىمىنىڭ 2014-يىلى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن تەڭ بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر