باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق تېز سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ ئۈزۈلگەن يوللىرىنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ

2014.12.30 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى يېقىندا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق تېز سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ ئۈزۈلگەن يوللىرىنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ. قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈ شېڭيىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرغا قەدەر، ئېلىمىزدە تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ 2000 كېلومېتىردىن ئاشىدىغان ئۈزۈلگەن يولى بار. 13-بەش يىللىق پىلانغىچە پىلان تۈزگەندە بۇ ئۆلكىلەر ئارا تېز سۈرئەتلىك تاشيوللارنى تۇتاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىمىز، بۇ جەھەتتىكى پىلاننى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىمىز، كونا ئۈزۈلگەن يوللارنىڭ ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن يېڭى ئۈزۈلگەن يولنى شەكىللەندۈرۈپ قويماسلىقىغا كۆڭۈل بۆلىمىز.

  يۈ شېڭيىڭ مۇنداق دېدى: ئۈزۈلگەن يولنى ياساش مەبلىغى ئاساسلىقى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ۋە يەرلىك ئۆزى توپلىغان مەبلەغ بىلەن ھەل قىلىنىدۇ؛ نۆۋەتتە دۆلەتلىك تېز سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىغا مەبلەغ سېلىش سىياسىتى ئۈزۈلگەن يولغا مەبلەغ سېلىش سىياسىتى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن سىياسەت تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى يولغا قويىلىدۇ. ئالايلۇق، غەربىي رايوندىكى ئۈزۈلگەن يوللارغا ھەر كىلومېتىرىغا 15 مىليون يۈەندىن 20 مىليون يۈەنگىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ، دەسمايىنىڭ %15 تىدىن %20 كىچە بولغان ئىھتىياج قاندۇرىلىدۇ، باشقا قىسمى: ئالايلۇق، يەنە %10 دىن %15 كىچە كەم بولغان مەبلەغنى يەرلىك ئۆزى توپلايدۇ، قالغان مەبلەغنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتتىن يىغىلىدۇ، بانكىلاردىن قەرز ئېلىش ئاساس قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر