- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياپون مىلىتارىزىمىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى جىنايى قىلمىشى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
2014.12.15 10:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈنۈگۈن جۇڭگو نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلار تۇنجى دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى، ياپون مىلىتارىزىمىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى جىنايىتىنىڭ قان بىلەن يېزىلغان تارىخى بولغان ياپون مىلىتارىزىمىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى جىنايى قىلمىشى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئاۋمىندا باشلاندى. بۇ سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىگە توپلانغان زور مىقداردىكى سۈرەتلەر ئىچىدىن 360ى تاللانغان بولۇپ، 1946-يىلى توكيو سوتىدىن بۇيان، يەر شارىدىكى تۇنجى ياپون مىلىتارىزىمىنىڭ پۈتكۇل ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى جىنايى قىلمىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىپ بېرىدىغان كۆرگەزمە. كۆرگەزمە-«ۋەھشىلەرچە قالايمىقان بومباردىمان قىلىش»، « ئىچىنىشلىق ۋەقە سادىر قىلىش»، «بىرلىكتە قارشى تۇرۇش»، «ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاش»، «جىنايىتىگە ئىقرار بولۇش»، «كەلگۈسىگە ئاگاھلاندۇرۇش» قاتارلىق 11قىسىم ئارقىلىق ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئۇرۇش مەيدانىدىكى ياپون ئارمىيەسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى باشلانغاندىن تارتىپ، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانغا قەدەر بولغان تارىخى پاكىتلار تەپسىلىي خاتىرلەنگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر