- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مالىيە مىنىستىرلىكى: مەملىكەت بويىچە %80تىن ئارتۇق خام چوت ئىشلىتىلدى، يەنە 2 ترىللىيون 600 مىليارد يۈەن خەجلىنىش ئالدىدا
2014.12.12 16:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىكى 11-دېكابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە مالىيە چىقىمى 12 ترىللىيون 630 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1 ئېشىپ، خام چوتنىڭ %82.5 ئورۇندالغان. يىل بېشىدا تۈزۈلگەن 2014-يىللىق مەملىكەتلىك مالىيە چىقىمى خام چوتى بويىچە ھېسابلىغاندا، يەنە 2 ترىللىيون 600 مىليارد يۈەن خەجلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر