باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى

2014.12.12 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 9-دېكابىردىن 11-دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

  كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى تۆۋەندىكىچە: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت ئومۇمىي رېتىمىدا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ دائىمىي يېڭى ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلىنىشىنى ساقلاپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېزگىنلەشنى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سېلىق، مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  گېزىتىمىز، بېيجىڭ، 11-دېكابىر تېلېگراممىسى. مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 9-دېكابىردىن 11-دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، ھازىرقى دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلدى، 2014-يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى خۇلاسىلاپ، 2015-يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئاساسىي ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لى كېچياڭ سۆزىدە 2015-يىللىق ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنىڭ يۈزلىنىشىنى شەرھلىدى، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر