- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


نەنجىڭدىكى زور قىرغىنچىلىقتا قازا قىلغانلار دۆلەت تەزىيە مۇراسىمى 13- دېكابىر ئۆتكۈزۈلىدۇ
پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى مۇراسىمغا قاتنىشىدۇ
2014.12.12 16:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 12-ئاينىڭ 13-كۈنى نەنجىڭدىكى زور قىرغىنچىلىقتا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىدىغان تۇنجى دۆلەت تەزىيە كۈنى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلىتىمىزگە تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭدىكى زور قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت تەزىيە مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.
مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىدۇ، خەلق تورى، شىنخۇا تورى، جۇڭگو تور تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو تورىمۇ ماس قەدەمدە بىۋاسىتە خەۋەر بېرىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر