- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مۇنداق دېدى:
مەملىكىتىمىزدە بەڭگىلەرنىڭ سانى 300 مىليوندىن ئاشتى، تاماكىدىن ئىسلىنىدىغانلارنىڭ سانى 740 مىليونغا يەتتى
2014.12.11 20:13 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى ياۋ خۇڭۋېننىڭ بۇ يىل 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇشىچە، مەملىكىتىمىزدە بەڭگىلەرنىڭ سانى 300 مىليوندىن ئاشقان، 740 مىليون تاماكا چەكمەيدىغان كىشى ئىسلىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ھەر يىلى 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشى تاماكا چېكىشكە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن قازا قىلىدىكەن، تەخمىنەن 100 نەچچە مىڭ كىشى ئىسلىنىپ، بەزى كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان.
ياۋ خۇڭۋېن مۇنداق دېدى: مەملىكىتىمىز دۇنيادا تاماكا ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ئىستىمال قىلىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت، شۇنداقلا تاماكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت تارماقالىرى ئاممىنىڭ تاماكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك خىزمەتنى چىڭ تۇتىدۇ:
__ تاماكىنى كونترۇل قىلىش تەشۋىقاتى ۋە ساغلاملىق تەربىيەسى سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.
__ ئۈلگە، باشلامچى بولۇپ، تاماكىسىز سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ.
__ تاماكىسىز مۇھىت يارىتىش پائالىيىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ. __ تاماكا تاشلاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاماكا تاشلاش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.
__ جامائەت سورۇنلىرىدا تاماكا چېكىشنى مەنئىي قىلىش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش تەتقىقاتىنى پائال قانات يايدۇرىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر