- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىكتىرون ئۇچۇرلىرى ياسمىچىلىقىنىڭ كۆپەيمە قىممىتىنىڭ ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار
2014.12.11 10:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
9-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئېلىكتىرۇن ئۇچۇرلىرى كەسىپ سۈپىتى يۇقىرى قاتلاملىقلار مۇنبىرىدا مۇئاۋىن سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنستىرى ياڭ شۆشەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە كۆلەملەشكەن ئېلىكتىرون ئۇچۇرلىرى ياسمىچىلىقىنىڭ كۆپەيمە قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %11.9 ئاشتى، پۈتۈن يىلدا ئىككى خانلىق سان بىلەن ئېشىشتىن ئۈمىد بار.
ياڭ شۆشەن مۇنداق دېدى: يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ ئۆسۈشى ئېلىمىز ئېلىكتىرۇن ئۇچۇر كەسىپىنىڭ يەر شارى بازىرىدىكى خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، سىرتقى مۇھىت جىددى، ئېكىسپورت تۆۋەنلەۋاتقان ۋەزىيەتتە، كەسىپتە يەنىلا ساغلام تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئەمما يەنە سۈپەتنى ياخشىلاش، يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۈت.
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنستىرلىقىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى، جۇڭگو ئېلىكتىرون ئۈچۇر كەسپىي بىرلەشمە جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جوۋ زىشۆ ئاشكارلاپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئېلىكتىرون ئۇچۇرلىرى كەسپىي بىرلەشمە جەمئىيىتى بىرىكتۇرۇشنى باشقۇرۇش سىسىتېمىسىنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىنىڭ سۈپەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. كارخانىلار سۈپەتنى توردا كۈزىتىش ۋە سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كەسپىي مۇلازىمەت ئورگانلىرىنى سۈپەت باھالاش ۋە ماركا يېتىشتۈرۈشكە باشلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر