- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەركەزنىڭ جۇ يوڭكاڭ دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى ھىمايە قىلدى
2014.12.10 15:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ جۇ يوڭكاڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى ۋە بىر تەرەپ قىلىش قارارى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ئورگاندىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى،كادىرلار مەركەزنىڭ جۇ يوڭكاڭغا پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىش، ئۇنىڭ جىنايەت مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلدى. ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي، كۈلپەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەپتىش ئورگىنىنىڭ فۇنكسىيىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، دېلولارنى بېجىرىپ، ۋەزىپىدىكى جىنايى دېلولارنى بېجىرىش خىزمەت سالمىقىنى ھەقىقىي زورايتىپ،چېرىكلىكنى جازالاش يۇقىرى بېسىملىق ھالىتىنى باشتىن ئاخىر ساقلاپ، چېرىكلىكنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي چەكلەپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر