باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كۈچلۈك قوغداش كېرەك

دۆلىتىمىز ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ

2014.12.01 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەلق گېزىتى»، بېجىڭ، 30-نويابىر تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى بۈگۈن «ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى نىزامى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى تولۇق تېكستى بىلەن ئېلان قىلىپ، جامائەتتىن پىكىر ئېلىشنى باشلىدى. بۇ، 20 نەچچە يىل غولغۇلا قىلىنغان بۇ ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ پات ئورنىتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىگىلىنىشچە، ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمى دېگەنلىك دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش شەكلىدە، بانكا، ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى قاتارلىق ئامانەت پۇل قوبۇل قىلىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇپ، ئامانەت پۇل سۇغۇرتا فوندى شەكىللەندۈرۈشكە مەجبۇرلاپ، قىسمەن بانكىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشىدا مەسىلە چىقىپ، ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغاندا، ئامانەت پۇل سۇغۇرتا فوندىنى ئىشقا سېلىپ، پۇل ئامانەت قويغۇچىلارغا سۇغۇرتىلانغان ئامانەت پۇلىغا تۆلەم بېرىش تۈزۈمىنى ھەم زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئامانەت پۇل ۋە ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر