- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مۇتەخەسسسلەر: شەخسى ھىساۋات ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئاگاھلاندۇردى
2014.11.27 15:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈنۈگۈن تۇنجى نۆۋەتلىك دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە كۈنى. مۇتەخەسسسلەر: ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ پۇل-مۇئامىلە پۇل تۆلەشكە چېتىشلىق شەخسى ھېساۋاتى، مەخپىي نومۇرنى ئايرىم بېكىتىشىنى، ئۇچۇرنىڭ ئاشكارلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىنى ئاگاھلاندۇردى. 26-نويابىردىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تور نۇقتىلىرىدا ماس قەدەمدە پۇل-مۇئامىلە تور بىخەتەرلىكى قوللانمىسىنى تارقىتىپ، توردا بېلىق تۇتۇش، مۇما ۋىرۇسى، ئىجتىمائىي ئالاقە توزىقى، ساختا ئاساسى بېكەت ۋە ئۇچۇر ئاشكارلاشنى بەش چوڭ تور پۇل-مۇئامىلىسىدە دائىم كۆرۈلىدىغان بىخەتەرلىك خەۋىپى دەپ قاراپ، ئىستىمالچىلارغا يۈكسەك دىققەت قىلىشىنى ئاگاھلاندۇردى. جۇڭگو پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى ئۇچۇر پەن-تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرىكتورى خۇ جۈنفىڭ: نامەلۇم ئۇلىنىشلارنى ئاسانلىقچە چەكمەسلىكىنى، تېخىمۇ مۇھىمى شەخسى ھېساۋات ۋە مەخپىي نومۇرنى قوغداشنى ئاگاھلاندۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر