- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ھىندىستان جۇڭگو بىلەن 1750 كىلومېتىرلىق تېز پويىز كېلىشىمى تۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2014.11.26 14:25 مەنبە: خەلق تورى
رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 25-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان تۆمۈر يول مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى ھىندىستاننىڭ مۇشۇ ھەپتىدە، دېھلى بىلەن چىننەي ئارىسىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لېنىيەسى ھەققىدىكى ئىمكانىيەت دوكلاتى بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە جۇڭگو بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىمكانىيەت تەتقىقاتىنى جۇڭگو تەرەپ مەبلەغ چىقىرىپ ئېلىپ بارىدىكەن.
باياناتچى: «(تۆمۈر يول مىنىستىرلىكىمىزنىڭ) خىزمەت گۇرۇپپىسى ھازىر جۇڭگودا، مۆلچەرىمىزدە ئۇلار مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە كىلىشىم ئىمزالايدۇ» دېدى.
جۇڭگو بىلەن ھىندىستان بۇ يىل 9-ئايدا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى، جۇڭگو ھىندىستاننىڭ تۆمۈر يول تەرەقققىياتى ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر