باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ساداسى جەنۇبىي تىنچ ئوكياندا ياڭرىسۇن

2014.11.24 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  − دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ 9-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ھەققىدە توختالدى

  شى جىنپىڭ ئاۋستىرالىيە، يېڭى زېلاندىيە، فىيجى قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلدى ھەمدە تىنچ ئوكياندىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئارال دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن بىرىسباندا ئېچىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ 9-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشتى، ئاۋستىرالىيە، يېڭى زىلاندىيە، فىيجىلاردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەمدە تىنچ ئوكياندىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئارال دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئاياغلىشىش ئالدىدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇخبىرلارغا بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: يېقىندا بېيجىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى يەنچى كۆلىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. كىشىلەر يىغىننىڭ روھىنى ئەسلەپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مەنزىلىگە تەقەززا بولۇۋاتقان پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، تۈمەن چاقىرىم يول بېسىپ، دوستلۇق-ھەمكارلىقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىپ، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشتىن ئىبارەت ئاسىيا ئارزۇسى ۋە دۇنيا ئارزۇسىنى شەرھلىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ 10 كۈن ئىچىدە 3 دۆلەت 7 شەھەرنى زىيارەت قىلىپ، 80 نەچچە قوش تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ پائالىيىتىگە قاتناشتى، 40 نەپەر دۆلەت رەھبىرى، خەلقئارا تەشكىلات مەسئۇلى ۋە ھەرساھە زاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، سۆھبەتلىشىپ، تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشەنچنى يەتكۈزدى. دۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇلار بەس-بەستە خەۋەر بېرىپ، بۇ قېتىمقى زىيارەتنى جۇڭگو دىپلوماتىيە تارىخىدىكى ئابىدە دەپ تەرىپلىدى ھەمدە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ باھا بەردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر