باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك 5-ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش ئېيى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2014.11.17 16:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش ئېيىدا، ياشانغانلارغا بولغان مۇھەببەت گەۋدىلەندۈرۈلدى. «جۇڭخۇانىڭ ئېسىل پەزىلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش مەدەنىيىتىنى نۇرلاندۇرۇش» باش تېمىسىدىكى بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش ئېيى پائالىيىتى تولۇق ئاياغلاشتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلار ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى ۋە داۋالاش سىستېمىسىنىڭ ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش مەدەنىيىتى ناملىق ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقات فىلىمى ھەم ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش ئاممىۋى پاراۋانلىق قىسقا فىلىمى ئىشلەپ، كوچا ئاپتوبۇسى كۆچمە تېلېۋىزورى، كوچا ئاپتوبۇس ئېكرانى قاتارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق كۆرسەتتى. تيەنجىن شەھىرى ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش، ياردەم بېرىش ئىئانىسى توپلاش پائالىيىتى ۋە ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش ماشىنىسى ئارقىلىق، مەھەللە خالىسانە دىياگنوز قويۇش ۋە ساغلاملىق مەسلىھەتى بېرىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى. ئەنخۇي ئۆلكىسى 4-نۆۋەتلىك ئون چوڭ بەخت يۇلتۇزى، 6-نۆۋەتلىك ئون چوڭ ۋاپادار يۇلتۇزنى تەقدىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. يۈننەن ئۆلكىسى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 10-ئاينىڭ باشلىرىغىچە يۈز ياشلىق ئۆمۈر چولپانلىرىغا كۆيۈنۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. شەندۇڭ ئۆلكىسى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى» نۇرغۇن جايلاردا يېڭى بۆسۈشكە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر