- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىمىز ئەڭ زور چەكلىمىلىكتە ئىچكى ئوبوروت ساھەسىدە تەكشۈرۈپ-تەستىقلاش، ئەنگە ئېلىشنى بىكار قىلىدۇ ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرىدۇ
2014.11.17 16:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېقىندا تارقاتقان «ئىچىكى ئوبوروتنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى»دە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىز مەمۇرىي تەستىقنى ئازايتىپ، كارخانىلارنىڭ باج ھەققى مەسئۇليىتىنى يېنىكلىتىدىكەن. ئەڭ زور چەكلىمىلىكتە ئىچكى ئوبوروتنى تەستىقلاش، ئەنگە ئېلىشنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش قاتارلىق مەمۇرىي تۈرلەردە، كارخانىلاردىن ھەق ئېلىش تىزىملىكىنى باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدىكەن.
پىكىردە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا سودا – سانائەتتە ئوخشاش باھادا توك ئىشلىتىش، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى يارىتىش، ھەرقايسى رايونلاردىكى پېچەتلەنگەن كەسىپلەرنىڭ مونوپولىنى زور كۈچ بىلەن يوقىتىپ، رايون ھالقىغان تىجارەت كارخانا كەسىپلىرىنىڭ ئومۇمىي تارماق ئورگانلىرىدىن باج ئېلىش سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، پارچە سېتىش دۇكانلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەمىنلەشتە ئادىل سودا قىلىش ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن – تۈزۈملەرنى قېلىپلاشتۇرۇش تەكىتلەنگەن. (ۋاڭ يوۋلىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر