باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆزئارا ئالاقىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك يەرشارىلىشىش باشلاندى

2014.11.17 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   جۇڭگو − يەرشارىلىشىشتا كېيىن يېتىشىپ چىققان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەرشارىلىشىشنىڭ مەنپەئەتدارى ۋە تۆھپىكارى ھېسابلىنىدۇ. ئۆزئارا ئالاقىدە، يەرشارىلىشىشقا تۆھپە قوشۇشنىڭ جۇڭگوچە كۈچلۈك ساداسى ياڭرىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ بىرىسباندا ئېچىلغان G20 يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «دۇنيا ئۇل ئەسلىھە مەركىزى» قۇرۇشنى، دۇنيا بانكىسىنىڭ «دۇنيا ئۇل ئەسلىھە فوندى» تەسىس قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول»، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى، يىپەك يولى فوندى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق دۇنيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يىپەك يولى فوندىدىن ئۇل ئەسلىھە فوندى ۋە «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆزئارا ئالاقە لايىھەسى»دىن دۇنيا ئۇل ئەسلىھە مەركىزىگىچە، APEC يىغىنىدىن G20 يىغىنىغىچە، ئۇل ئەسلىھە ئامما ئەڭ دىققەت قىلىدىغان تېما بولدى. ئۇل ئەسلىھە ـــ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ؛ ئۆزئارا ئالاقە – ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئارزۇسى بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيا ئارزۇسىدۇر. ئۆزئارا ئالاقە ئېلىپ كەلگەن مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ۋە قۇرۇقلۇق مەدەنىيلىكىنىڭ گۈللىنىش پۇرسىتى دۇنيانىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىيسى ۋە دۇنياۋىلىشىش پىلانىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. (ۋاڭ يىۋىي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر