- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سوتنىڭ ھۆكۈمىنى، كېسىمىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش، ئىجرا قىلماسلىق جىنايىتىگە مەركەزلىك زەربە بېرىلدى
2014.11.07 10:08 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ 5-ئۆكتەبىر ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ مەخسۇس ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، سوتنىڭ ھۆكۈمىنى، كېسىمىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش، ئىجرا قىلماسلىق جىنايىتىگە مەركەزلىك زەربە بەرگەن.
جىنايەت شەكىللەندۈرگەن ئىجرا قىلىنغۇچىلار ياكى ئالاقىدار خادىملارغا قارىتا ھەرقايسى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار جىنايەت يىپ ئۇچۇنى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە جامائەت خەۋپسزىلىكى ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، خىزمەت رېتىمىنى تېزلىتىپ، مۇتلەق كۆپ سانلىق، شەرتكە توشىدىغان دېلولارنىڭ 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ شىكايەت قىلىشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە، 2015-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن باشقۇرۇش ھوقۇقى بار خەلق سوت مەھكىملىرىگە شىكايەت قىلىشقا سۇنۇلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىسى تەپتىش ئورگانلىرى شىكايەت قىلغان ئىجرا قىلىنغۇچى خادىملار ياكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىمنى ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلىش قاتارلىق جىنايەت دېلولىرىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا سوتلاپ، مۇتلەق كۆپ سانلىق دېلولارغا كېلەر يىلى 3-ئايدىن بۇرۇن ھۆكۈم چىقىرىپ بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر