باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ «يېڭىلىق»ى نەدە؟ مەركەز ئىنتىزام كومىتېتى بىلەن قانداق ماسلىشىدۇ

2014.11.04 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش باش ئىدارىسى قۇرۇشنى تەستىقلىدى، ئىدارە باشلىقلىقىنى

  مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبەر ئۈستىگە ئالىدۇ

  يېڭى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش باش ئىدارىسىدىكى «يېڭىلىق» نەدە؟

  مەركەز ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدە يېڭى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش باش ئىدارىسى قۇرۇشنى تەستىقلىدى.ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن تەپتىش باشلىقى چيۇ شۆچياڭ يېڭى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىنى مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبەر ئۈستىگە ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش باش ئىدارىسىنى جۇڭگوچە تەپتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان چېرىكلىككە قارشى مەخسۇس ئورگان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى كۆرسەتتى.

  مەركەز ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدە يېڭى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش باش ئىدارىسى قۇرۇشنى تەستىقلىدى.11–ئاينىڭ 2–كۈنى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چيۇ شۆچياڭ شىنخۇا تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ خەۋەرنى ئاشكارلىدى ھەمدە يېڭى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك تەپتىش ھەيئەت ئەزاسى ئۈستىگە ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش باش ئىدارىسىدىكى يېڭى ئۆزگۈرۈشلەر

  سالاھىيىتى ۋە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى:

  رەھبەرلىك بەنزىلىرى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك تەپتىش كومىتېت مەخسۇس ئەزاسى يېڭى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. تەڭشەش ئەلالاشتۇرۇلدى:فۇنكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش تېخىمۇ ئىلمىيلاشقان بولۇپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ زېھنىىنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇھىم، چوڭ دېلولارنى

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا بولدى.

  كۈچ زورايدى:

  دېلو بېجىرىش كۈچى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ بىر تەرەپ قىلىش كۈچى تارقاق بولۇش، دېلو كۆپ بېجىرىدىغان ئادەم ئاز بولۇش مەسىلىسى بىر تەرەپ قىلىندى

  نىشان تەڭشەلدى:

  كۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ئىگە، ھەيۋىسى كۈچلۈك ئاممىۋى ئىشەنچىلىكى بار،سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بولغان جۇڭگوچە تەپتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەخسۇس ئورگىنىغا ئايلىنىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر