- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


نامرات كەنتلەردىكى ئىگىلىك يارىتىپ بېيىش باشلامچىلىرى تەربىيەلەندى
2014.11.04 08:31 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئوقۇشىچە ، گەنسۇ، نىڭشيا، فۇجيەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلىرىنىڭ نامرات كەنتلىرىدىكى 90 ئوقۇغۇچى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ نەنئەن شەھىرى مېشەن بازىرى لوجۇڭ كەنتىدە بىر ئايلىق ئىگىلىك يارىتىپ بېيىش بويىچە ئۆگىنىشنى باشلىغان، بۇنىڭ بىلەن تۇنجى قاراردىكى مەملىكەت بويىچە نامرات كەنتلەردىكى ئىگىلىك يارىتىپ بېيىش باشلامچىلىرىنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلانغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، رۇڭجۇڭ كەنتىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان نامرات كەنتلەردىكى ئىگىلىك يارىتىپ بېيىش باشلامچىلىرىنى تەربىيەلەش بازىسى 1+11 ئىگىلىك يارىتىش بويىچە تەربىيەلەش قېلىپى ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن، يەنى بىر ئايدا مەركەزلىك تەربىيەلەپ، ئىگىلىك يارىتىش تۈرىنى لايىھەلەپ بولۇش، يەنە ئىگىلىك يارىتىش يېتەكچىلىرىنى بىرگە بىر، يۈز تۇرانە 11 ئاي ئىگىلىك يارىتىش بويىچە يېتەكلەپ، ئىگىلىك يارىتىپ بېيىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، كۇرسانتلارنىڭ ئىگىلىك يارىتىش تۈرلىرىنى نامرات كەنتلەردە يىلتىز تارتقۇزۇپ، نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر