- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇلارنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى قۇرۇلىدۇ
2014.11.04 08:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى 3-نويابىر ئەدىلىيە ئىزاھاتى ئېلان قىلدى. ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇلارنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى دېلولىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلولارنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە پات ئارىدا قۇرۇلىدىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسىنىڭ نورمال ھەرىكەتلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى بىلىم-مۈلۈك سوت كوللىگىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چواڭ مۇنداق دېدى: ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسىنىڭ تېزدىن قۇرۇلۇشىغا ھەمدە ھەرىكەتلىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بېيجىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ۋېۋىسكا ئېسپ قۇرۇلىدۇ، شاڭخەي ۋە گۇاڭجۇ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىلىرىمۇ يىل ئىچىدە قۇرۇلىدۇ.
تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى يەنە «جۇڭگو بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەدىلىيە جەھەتتىن قوغداش تەتقىق قىلىش مەركىزى»نى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، سوتلاش تەجرىبىسى مول بىرىنجى سەپتىكى سودىيەلەرنى تەتقىق قىلىشقا قاتنىشىشقا جەلىپ قىلىپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى بىرلەشتۇرۇش، تەسىر كۆرسىتىشنى كۈچەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى سوتلاش سەۋىيەسى ۋە خەلقئارادىكى تەسىرىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر