- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


فۇجيەن، خەينەن، چىڭخەي، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن بولماقتا
2014.11.03 14:22 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 31-ئۆكتەبىر ھەر قايسى رايونلارنىڭ بۇ يىل ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئېنېرگىيە تېجەش نىشانىنى ئورۇنداش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.
ھەر قايسى رايونلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش، جايلارنىڭ 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى يىللىق ئېنېرگىيە تېجەش ۋەزىپىسىنى سېلىشتۇرۇشتىن قارىغاندا، فۇجيەن، خەينەن، چىڭخەي، شىنجاڭدىن ئىبارەت تۆت جاينىڭ ئاگاھ دەرىجىسى بىرىنچى بولۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن ئىكەن؛ شەنشى، نىڭشيانىڭ ئاگاھ دەرىجىسى ئىككىنچى بولۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش ۋەزىيىتى بىر قەدەر كەسكىن ئىكەن؛ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن، گەنسۇنىڭ ئاگاھ دەرىجىسى ئۈچۈنچى بولۇپ، ئېنرگىيە تېجەش خىزمىتى ئاساسەن ئوڭۇشلۇق بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر