- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


گوۋۇيۈەن ماي-گاز يەتكۈزۈش تۇرۇببىلىرىدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن ئاپىتىنى تۈزەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى
2014.10.31 17:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى 30-ئۆكتەبىر «گوۋۇيۈەن بەڭگوڭتىڭىنىڭ گوۋۇيۈەن ماي-گاز يەتكۈزۈش تۇرۇببىلىرىدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن ئاپىتىنى تۈزەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى» نى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا، ماي-گاز يەتكۈزۈش تۇرۇببىلىرىدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن ئاپىتىنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ماي-گاز يەتكۈزۈش تۇرۇببىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە سىياسەتتە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن ماي-گاز يەتكۈزۈش تۇرۇببىلىرىدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن ئاپىتىنى تۈزەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر