- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركىزىي كومىتېتنىڭ «قارار»ى توققۇز جەھەتتىن چوڭقۇر تونۇشتۇرۇلدى
2014.10.31 16:18 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى تۈنۈگۈن 120 نەچچە دۆلەتنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق تاراتقۇلىرىغا، 4-ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»نى تونۇشتۇردى.
«قارار» دوكلاتىنى تۈزگۈچىلەردىن بىرى، گوۋۇيۈەن قانۇن تۈزۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈەن شۇخۇڭ ھازىرقى باسقۇچتا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قارارى چىقىرىش ھەمدە «قارار»نىڭ يادرولۇق مەزمۇنىنى قانداق چۈشىنىش توغرىسىدا توققۇز جەھەتتىن چوڭقۇر تونۇشتۇردى.
«قارار»دا نۇرغۇن ساھەلەردە يېڭى سىناق ۋە بۆسۈش بولدى. ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلار مۇنداق دېدى: كونكرېت تەدبىرلەرنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش- جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى سىنايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر