- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەملىكەتلىك تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى مۇدىرلىرى بېيجىڭدا تور بوشلۇقىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
2014.10.28 16:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى مۇدىرلىرى 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تور بوشلۇقىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئومۇمىييۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى تەتقىق قىلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركەز تور-ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لۇ ۋېي يىغىندا 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، تور-ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تورنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، قانۇن بويىچە تور قۇرۇپ، قانۇن بويىچە تورغا چىقىشنى تەلەپ قىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر