باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

11-نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگولۇق سودىگەرلەر يۇقىرى قاتلاملىقلار يىغىنى ئاۋمىندا ئېچىلدى

2014.10.27 15:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگولۇق سودىگەرلەر يۇقىرى قاتلاملىقلار يىغىنى 25-ئۆكتەبىر ئاۋمىندا ئېچىلدى، يەر شارىدىكى 36 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 1600دىن كۆپ جۇڭگولۇق سودىگەرلەر ۋەكىلى ئۈچ كۈنلۈك يىغىنغا قاتنىشىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك يۇقىر قاتلاملىقلار يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەت، رايون سانى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئەڭ كۆپ.ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرى رايوننىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن مۇنداق دېدى: دۇنيا جۇڭگولۇق سودىگەرلەر يۇقىرى قاتلاملىقلار يىغىنى ئاۋمىندا مۇۋاپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، ئاۋمىننىڭ ئۇدا دۇنيا جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ كۆۋرۈكى بولۇش رولىنى مۇستەھكەملىدى، رايونىمىزنىڭ جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ ئىقتىساد سودا ئالاقە سەھنىسى بولۇش رولىنى كۈچەيتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، 1-نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگولۇق سودىگەرلەر يۇقىرى قاتلاملىقلار يىغىنى 2004-يىلى ئاۋمىندا ئېچىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر يىلدا بىر قېتىم ئاۋمىنغا جەم بولۇپ، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلارنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت سەھنىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈشىگە بىرلىكتە تۆھپە قوشۇپ كەلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر