باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا بازىرى كۆلىمى دۇنيادا 2-ئورۇنغا ئۆتتى

2014.10.27 15:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا بازىرى كۆلىمى تۇنجى قېتىم ياپونىيەدىن ئېشىپ، ئامېرىكىدىن قالسىلا دۇنيادا 2-ئورۇنغا ئۆتتى. جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2007-يىلى ئېلىمىز مەركەز مالىيەسى قوللىغان يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا سىنىقىنى باشلىغاندىن بۇيان، 2013-يىلغىچە يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا كىرىمى بەش مىليارد 180مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 30مىليارد 660مىليون يۈەنگە يەتكەن، يىلىغا ئوتتۇرىغا ھېساب بىلەن %34.5ئاشقان. يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا خېيىم-خەتىرى كاپالىتى 112مىليارد 600مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 900مىليارد 600مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىك، قۇشۇمچە يېمەكلىك، بېلىقچىلىق قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنى قاپلىغان، سۇغۇرتىغا قاتناشقان دېھقانلار ئىككى يۈز مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، يەر شارى بويىچە ئەڭ مۇھىم، ئەڭ جانلىق يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا بازارلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر