باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسىنى تېزدىن قۇرۇشنى تەكىتلىدى

2014.10.27 15:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 25-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى پائال مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىي تۈرلەرنى باشقۇرۇش ۋە كەسپىي كاپالەتنى كۈچەيتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن سوت مەھكىمىلىرىدىكى ئادەم ۋە مال-مۈلۈكنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەھبىرى كادىرلار ئەدلىيەگە ئارىلىشىش ھەرىكەتلىرى، كونكرېت دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قول تىقىش خاتىرىسى تۇرغۇزۇش، مەلۇم قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق سوتسىيالىستىك ئەدلىيە تۈزۈمىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك. بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسىنى تېز قۇرۇپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سەييارە سوتلاش تۈزۈمىنى تېزدىن ئورنىتىش لازىم. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان كىرىش تەس، يۈزىگە قاراش تەس، بېجىرىش تەس، دېلو تۇرغۇزۇش تەس، شىكايەت قىلىش تەس، ئىجرا قىلىش تەس بولغان، ئادەمگەرچىلىككە، پۇلغا چېتىلىدىغان دېلولارنى چوڭقۇر رەتكە سېلىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر