باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ماكەي سىچۈەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2014.10.27 15:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ما كەي يېقىندا سىچۈەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىم ئاشۇرۇشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  ما كەي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى، ئىسلاھاتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىشى، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىدىكى مۇھىم ئاساس. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، ئالاقىدار تارماقلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئالدىن نىشان قىلىپ، ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر